Sensiz Yashiyalmaymen 沒有你我怎麼過
MOMINJAN_ABLIKIM穆明江
Sensiz Yashiyalmaymen 沒有你我怎麼過 歌詞
سەنسىز ياشىيالمايمەن
沒有你我怎麼過
سۆزى :مۇھەممەد مەسئۇد
作詞:木海買提·麥蘇提
مۇزىكىسى:ئەزىز ئابدۇللا
作曲:艾則孜·阿卜杜拉
翻譯:娜菲莎·亞爾買買提
ھېدىڭنى سېغىنار باغدا كېپىنەك
園中的蝴蝶想念你的味道
سېنى دەپ تىپىرلار باغرىمدا يۈرەك
胸膛的心兒只為你跳動
سەنسىز ماڭا ئامەت راھەت بى كېرەك
沒有了你,我要幸福有何用
ئەيت نېچۈن سۆيگۈمنى قىلمىدىڭ قوبۇل
你告訴我,為何要將我拒之千里
ھېدىڭنى سېغىنار باغدا كېپىنەك
園中的蝴蝶想念你的味道
سېنى دەپ تىپىرلار باغرىمدا يۈرەك
胸膛的心兒只為你跳動
سەنسىز ماڭا ئامەت راھەت بى كېرەك
沒有了你,我要幸福有何用
ئەيت نېچۈن سۆيگۈمنى قىلمىدىڭ قوبۇل
你告訴我,為何要將我拒之千里
مەندىن كەچسەڭ ھەم يىراق يۈرسەڭ ھەم
就算你離我而去
سېنى ئىزلەرمەن سېنى ئەسلەرمەن
我也會追尋你,想念你
سەنسىز يالغۇز ياشىيالمايمەن
沒有你我該怎麼活下去
مېنىڭ بارلىقىم بارىم سەن ئۆزۈڭ
你是我的一切,我的所有
مېنىڭ يالغۇزۇم يارىم سەن ئۆزۈڭ
你是我的唯一,我的愛人
سەنسىز يالغۇز ياشىيالمايمەن
沒有你我該怎麼活下去
مۇزىكا
音樂
ئايسىز تۈنلىرىڭگە بولاردىم چىراق
你本會是我黑夜的明燈
سەن ماڭا دەرد پىراق قالدۇردۇڭ بىراق
留下的卻是無法抹去的哀傷
يۈرەگىم ئەلەملەر سارغايتقان ياپراق
我的心是一片敗落的葉子
ئەيت نېچۈن سۆيگۈمنى قىلمايسەن قوبۇل
你告訴我,為何要將我拒之千里
دىلدا ئوت كۆيەدۇ، ۋۇجۇدۇم سوغۇق
心中的愛火無法使我溫暖
ناخشام ئۆكسۈپ يىغلار زەبانىم بوغۇق
我的歌兒也為我失聲哭泣
كەتسەڭ ھەم يىراققا ئۈمىد ئۈزگۈم يوق
你雖離去我卻依然不願放棄
ئەيت قاچان سۆيگۈمنى قىلۇرسەن قوبۇل
你告訴我,何時才能懂我心意
مەندىن كەچسەڭ ھەم يىراق يۈرسەڭ ھەم
就算你離我而去
سېنى ئىزلەرمەن سېنى ئەسلەرمەن
我也會追尋你,想念你
سەنسىز يالغۇز ياشىيالمايمەن
沒有你我該怎麼活下去
مېنىڭ بارلىقىم بارىم سەن ئۆزۈڭ
你是我的一切,我的所有
مېنىڭ يالغۇزۇم يارىم سەن ئۆزۈڭ
你是我的唯一,我的愛人
سەنسىز يالغۇز ياشىيالمايمەن
沒有你我該怎麼活下去
مەندىن كەچسەڭ ھەم يىراق يۈرسەڭ ھەم
就算你離我而去
سېنى ئىزلەرمەن سېنى ئەسلەرمەن
我也會追尋你,想念你
سەنسىز يالغۇز ياشىيالمايمەن
沒有你我該怎麼活下去
مېنىڭ بارلىقىم بارىم سەن ئۆزۈڭ
你是我的一切,我的所有
مېنىڭ يالغۇزۇم يارىم سەن ئۆزۈڭ
你是我的唯一,我的愛人
سەنسىز يالغۇز ياشىيالمايمەن
沒有你我該怎麼活下去