XATA
Roh
XATA 歌詞
XATA
ARTIST : ROH
BEAT MAKER : ROBIRO
SOUND MIXER : MILLON STUDIO
يىگىرمە يەتتىنچى دېكابىر شۇ كېچە تۈن بۇ زامانغا كۆز ئاچقىنىم خاتا
27號夜晚睜開我來到這個世界的第一眼就是錯誤的
ئاچلىقتىن ئىڭراپ ، قورساق كويىدا تۇنجى رەت ئوغۇز سۈتى ئەمگىنىم خاتا
飢餓的哭泣,喝下的第一口母乳也是錯誤的
ھايات سەپىرى ئۇزۇن ، قېيىن ، تۇنجى رەت قەدەم ئېلىپ ماڭغىنىم خاتا
生命的路很長,很難,我的第一步就是錯誤的
ئۆزگىلەرگە ھېسسىيات بىلدۈرۈش ئۈچۈن يىغلاش ، كۈلۈش سۆزلەشنى ئۆگەنگىنىم خاتا
為了表達感情而哭泣微笑說話都是錯誤的
خۇددى مەن بىلەن ئالاقىسىزدەك ، ئىككى يېشىمدا ئاتا ئانامنىڭ ئايرىلىشىنى توسمىغىنىم خاتا
搞得和我沒有關係一樣,沒有攔住爸媽的離婚也是我的錯誤
ئەقلىمنى بىلىپ دادام ئالدىمغا كەلسە ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتمىغىنىم خاتا
當我有點意識了,沒有抓住爸爸伸出的手也是錯誤的
چوڭلار بېقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشسىمۇ ، يانچۇقىدىن پۇل ئېلىپ خەشلىگىنىم خاتا
大人把我撫養成人,我卻伸手要錢也是錯誤的
ئۇلار كەتكەندە ئۇ ئالەمگە قەلبىم ئازاپتا ئۆرتەنسىمۇ ، بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن تېمىم ياش تۆكمىگىنىم خاتا
他們去世的時候,我卻沒有流一滴眼淚,這是錯誤的
خاتا ! بۇ ئالەمدە مەن قىلغان بارچە ئىش !
錯!在這個世界上做的所有事
خاتا ! نان يېيىش ئۈچۈن ماڭا چىققان چىش !
錯!為了吃東西而長出的牙齒
خاتا ! مەن ئۈچۈن تۇرالغۇ بولغان ھەر بىر خىش !
錯!為了我所立下的所有瓷磚
خاتا ! مەن تۇغۇلغان شۇ پەسىل قىش !
錯!我出生的季節是冬天
دوست يىغلىتىپ ئېيتىدۇ ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ، بۇ سۆزنى ھاياتقا ئىبرەت قىلمىغىنىم خاتا
朋友會讓你哭,敵人強顏歡笑,把這句話當作是我生命中的警示是錯誤的
قەيەردىن كېلىدۇ جاھالەت ، قەيەردىن راھەت ، ئاق قارىنى توغرا پەرق ئەتمىگىنىم خاتا
為了得到滿足,分不清黑白,是錯誤的
مەن تاپقان دوست ، ئارلاشقان قىز ، باققان ھەر بىر ھايۋان ئۈچۈن ياش تۆككىنىم خاتا
為我找的朋友,交往的女人,為了我養的寵物流下眼淚是錯誤的
ھايات مىلودىيىسىنى كەيپ ساپا چاغلاپ شۇ چاغ ھەقىقىي توغرا يولنى چەتكە قاققىنىم خاتا
在生活的軌跡了肆無忌憚的浪費生命,沒有走向正道,是我的錯
بىر ئائىلىگە باش بولۇپ ، تۇرمۇش قۇرۇپ ، پەرزەنت تېپىپ ، گۈزەل ياشاشنى ئىستىگەن شۇ ئىستىكىم خاتا
成家立業,養兒育女,滿足我現在完美的生活是錯誤的
قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇر چۈشەنمەستىن ، زىددىيەتتە سەۋىرنى دوست تۇتمىغىنىم خاتا
不知道兄弟感情深厚,衝突中沒有寬容是錯誤的
ئىچىمگە پاتماس ئازابىمنى ، ھەمراھسىز ، سىياھ بىلەن قەغەزگە تۆككىنىم خاتا
心裡沉受不住的痛苦,孤單,把他用紙墨寫成歌詞是錯誤的
خەيرىيەت ، ھەممىسى خاتا ، ھەتتا بۇ ناخشا ئىسمىنى خاتا قويغىنىم خاتا
就連這首歌的名字錯誤都是錯誤的
خاتا ! بۇ ئالەمدە مەن قىلغان بارچە ئىش !
錯!在這個世界上做的所有事
خاتا ! نان يېيىش ئۈچۈن ماڭا چىققان چىش !
錯!為了吃東西而長出的牙齒
خاتا ! مەن ئۈچۈن تۇرالغۇ بولغان ھەر بىر خىش !
錯!為了我所立下的所有瓷磚
خاتا ! مەن تۇغۇلغان شۇ پەسىل قىش !
錯!我出生的季節是冬天