WazKech放棄吧
Bilal Enwer
WazKech放棄吧 歌詞
編曲:Arman Xukrat
تۇرنىلار ئۇچتى، كۆزلەردىن يۈتتى
باھارلار ئۆتتى، كەلمەيدۇ كەتتى
بولدى قىل كۆڭلۈم، ۋازكەچ ئۇلاردىن
سۆيگۈ ئۇنتۇلدى، تۈگىدى، پۈتتى
تۇرنىلار ئۇچتى، كۆزلەردىن يۈتتى
باھارلار ئۆتتى، كەلمەيدۇ كەتتى
بولدى قىل كۆڭلۈم، ۋازكەچ ئۇلاردىن
سۆيگۈ ئۇنتۇلدى، تۈگىدى، پۈتتى
♬♬♬♬♬
ئۆتمۈش ئۇنتۇلۇپ تۈگەيدۇ ھەممە
باھاردا گۈللەر ئېچىلار يەنە
ۋازكەچكىن كۆڭۈل كەچمىشلىرىڭدىن
ئۈمىدلىك باققىن گۈزەل ئەتىگە
چىداملىق بولغىن، چىشلە لېۋىڭنى
ئايرىلىش قان-قان قىلسا ئىچىڭنى
ۋازكەچكىن كۆڭۈل، ۋازكەچ ھەممىدىن
سۈرتكىدەك كىم بار كۆز ياشلىرىڭنى
چىداملىق بولغىن، چىشلە لېۋىڭنى
ئايرىلىش قان-قان قىلسا ئىچىڭنى
ۋازكەچكىن كۆڭۈل، ۋازكەچ ھەممىدىن
سۈرتكىدەك كىم بار كۆز ياشلىرىڭنى
♬♬♬♬♬
تۇرنىلار ئۇچتى، كۆزلەردىن يۈتتى
سۆيگۈ ئۇنتۇلدى، تۈگىدى، پۈتتى
歌詞編輯:Amarjan Yasin