Tashlap oynayli (Uyghurche)
Ablajan Awut Ayup
Tashlap oynayli (Uyghurche) 歌詞
تاشلاپ ئوينايلى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
1.كۇبلىت :
بۈگۈن بەزمە قىلدۇق گۈزەل گۈلباغ ئېچىدە،
تىزدۇق ئىسىل نېمەتلەر داستىخان ئۈستىگە.
1.ئۆتۈشمە :
قېنى مەرھەمەت سەھنىمىزگە باشلاڭ ئۇسسۇل،
ئەمدى قالمىدى تاقەت يەنە ئالدىرار پۇت-قول.
ھەممە بىللە ئوينايلى باشلاپ بەس-بەس بىلەن،
توختىماستىن ھارماستىن ھەمدە شوخ-شوخ تېمەن.
قايتارما :
ئۇ يانغا تاشلاپ، بۇ يانغا تاشلاپ تازا ئوينايلى،
سىلىپ چوقان-غەلۋە، چۈمۈلگۈچە تەرگە راسا ئوينايلى.
2 .كۇبلىت :
بوۋام ئويناپ كەلگەن نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان،
جاھان تارىخ سەيناسىدا قىلىپ ھەم جەۋلان.
2.ئۆتۈشمە :
نەغمە قىلماي، ئۇسسۇل سالماي بىزگە خۇشاللىق بولماس،
تاشلاپ تازا ئوينىمىغۇچە كۆڭۈللەر تېنماس.
كېلىڭ ئۆرگىلىپ-چۆرگىلىپ ئويناپ ياسايلى قاينام،
ئۇنى ئۈزمەستىن تۈگەتمەستىن قىلايلى داۋام.