Office Romance
A3
Office Romance 歌詞
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئارسلان ئادىل
ئىشخانامدا كورت ئويناپ بىلمەيمەن قايسى ئىشىم بار
تۆمۈر تاۋاق ئايدا ئۈزۈلمەيدىغان مائاشىم بار
ئىدارىنىڭ ماشىنىسىدا بازار كېزىپ قويىمەن
تەكشۈرۈش كەلسە توردىن خۇلاسە يېزىپ قويىمەن
سۇنسام يېتىدۇ قولۇم بار
دادام باشلىق يولۇم بار
باشقىلارغا دەپ يۈرمىدۇق
تۆۋەن كاپالەت پۇلۇم بار
بۇ ئىدارىنىڭ تەكشۈرۈشى جىق ئىكەن
باشقا يەرگە كۆچسەم
يۆتكىيەلمىسىمۇ مەيلى ئىدى
يانا ئازراق ئۆسسەم
ئۆتسەم دەپ باشقىلار ئىمتىھان بېرىپ يۈرىدۇ
مەندىن سورىسا جىق بولسا تولۇقسىز دىپلومنى كۆرىدۇ
يۇقىردىن كەلگەن تەمىناتلارنى باشلىق ئىككىمىز بۆلۈشۈپ بولدۇق
نېمىشقا ؟ دەپ سورىما
يامان يەرلەردە كۆرۈشۈپ قالدۇق
تەكشۈرۈشكە مەن چۈشىمەن دېدى
دېھقانلارنىڭ ئۈنى بار
بىرەر قوينى بوغۇزلىمىسا دوكلاتتا كۆرىدىغان كۈنى بار
شۇنداق بولسىمۇ يېزىپ قويىمەن
خىزمىتىدە تالاي يوچۇق
ئالدى ئىشىكىمگە قۇلۇپ سېلىقلىق
ئارقا ئىشىكلىرىم ئوچۇق
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ھەر خىل سۇيىقەست مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر
جەمىيەتتە جىق سەن ئاڭلىغان ،
ئەمما كۆرمىگەن ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ھەر خىل سۇيىقەست مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر
جەمىيەتتە جىق سەن ئاڭلىغان ،
ئەمما كۆرمىگەن ئىشلار
—باشلىق ، ئاۋۇ قېتىم سىزگە دېگەن ھېلىقى ئىشلار قانداق بولۇپ كەتتى؟
—ھە ، ئۇ ئىشلارغا ھازىر ۋاقتىم يوق جۇمۇ مېنىڭ!
—ئەمدى ماۋۇنى ئاز بولسىمۇ...
—مەن سىزگە چۈشتىن كېيىن تېلېفون قىلاي!
ماقۇل دېگەن باشقا تەلەپپۇز ۋۇجۇن دېگەن باشقا
قىز دوست دېگەن باشقىچە ئۇقۇم خوتۇن دېگەن باشقا
يەر دېگەن بايلىق ، شۇڭا ئېلىپ قويدۇم ئۈچ جايلىق
ئاشنىلىرىمنىڭ ئىككىسى شەھەرلىك قالغانلىرى سايلىق
باشلىق ، دېگەنلا ئىسمى بولسا بېقىپ قويىمىز
تەكشۈرۈشكە چۈشكەنلەر بىلەن
بىللە چىلىم چېكىپ قويىمىز
چېقىپ قويىمىز ۋاقتى كەلسە مېنى نېمە دېيەلەيتتى
بىلسەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشنىڭمۇ
مېنى كۆرسە تەلەيتتى
ئۆسكۈم بولسا سورۇن چاقىرىپ
ھەممىسىگە شاراپ قۇيىمەن
ئۇنىماي قالسا تەھدىت بىلەن كۆزىگە قاراپ قويىمەن
ئارقا ئىشىك دېگەن جىنايەت ھەر ھەپتىدە سادىر
شۇنداق بولسىمۇ مەن سايلىنىمەن دىيانەتلىك كادىر
تېلېفونلار سايراپ كېتىدۇ ، ئۇلار يايراپ كېتىدۇ
قىزنىڭ ئەڭ چىرايلىقىنى شۇ قېرىلار جايلاپ كېتىدۇ
ھازىر تازىلاش بار دەيدۇ يىغىشتۇرىمەن چولامنى
مەن چۈشۈپ كەتسەم بولمايدۇ ،
كىم كادىر قىلىدۇ بالامنى
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ھەر خىل سۇيىقەست مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر
جەمىيەتتە جىق سەن ئاڭلىغان ،
ئەمما كۆرمىگەن ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ھەر خىل سۇيىقەست مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر
جەمىيەتتە جىق سەن ئاڭلىغان ،
ئەمما كۆرمىگەن ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ھەر خىل سۇيىقەست مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر
جەمىيەتتە جىق سەن ئاڭلىغان ،
ئەمما كۆرمىگەن ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ئىشخانىدىكى ئىشلار
ھەر خىل سۇيىقەست مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر
جەمىيەتتە جىق سەن ئاڭلىغان ،
ئەمما كۆرمىگەن ئىشلار