Hapta Nahxisi
Bilal Enwer
Hapta Nahxisi 歌詞
ھەپتە ناخشىسى
تىكىستى: يۈسۈپجان قىيۇم
ئۆزلەشتۈرگۈچى: بىلال ئەنۋەر
編詞: Alimjan X
قالدۇرۇپ يۈرەكتە دەرت كەتتىك ئا مەندىن يىراق
شۇنچە كۈتتۈم تەلمۈرۈپ كەلمىدىڭ دۈشەنبىمۇ
ئىزلىرىڭدىن ئىزلىدىم ماڭغان يولۇڭنى ئاختۇرۇپ
سەن ئۆزەڭدىن بـــى خەۋەر بەرمىدىڭ سەيشەنبىمۇ
♬♬♪♬♬
ياكى يار يادىڭدا يوقمۇ ماڭا ۋەدە بەرگىنىڭ
شۇ ۋىسالنىڭ سازىنى چالمىدىڭ چارشەنبىمۇ
شۇ ۋىسالنىڭ ۋەجىدىن يۈرسەممۇ ھەريان ئاھ ئۇرۇپ
سەن كىلىپ كۆڭۈلنى بىر ئالمىدىڭ پەيشەنبىمۇ
♪♪♬♪♪
نە قىلاي كۈتتۈم جۈمە كەتتى بىكاغا كۆپ كۈنۈم
ھەسرىتىڭدىن ياندى ئوت كەلمىدىڭ سەن شەنبىمۇ
مەن بارارمەن ئاخىرى ئايلىنىپ مەلەڭ تامان
ئەي نىگارىم سەن ئەگەر كەلمىسەڭ يەكشەنبىمۇ
تىكىسىت ئىشىلگۈچى: Alimjan X