Elemdur
MOMINJAN_ABLIKIM穆明江
Elemdur 歌词
ئەلەمدۇر
مۆمىنجان ئابلىكىم
سۆزى: مۇھەممەت مەسئۇد ھەبىبى
مۇزىكىسى: ئابلەت ئابلىكىم
歌词大意:
《委屈》
男子爱上了在一个院子
一起长大的女子
但女子对男子都不正眼看一下
甚至最后远嫁到他乡
这让男子感到特别的委屈
…مۇزىكا…
زىبا يارىم قاشىڭ قارا قەلەمدۇر
بىزگە قاراپ قويمىغىنىڭ ئەلەمدۇر
ماڭا قاراپ قويمىغىنىڭ ئەلەمدۇر
يۈرەگىمنى مۇھەببەتنىڭ دەردىدە دەردىدە
قىيناپ قىيناپ تويمىغىنىڭ ئەلەمدۇر
يۈرەگىمنى مۇھەببەتنىڭ دەردىدە دەردىدە
قىيناپ قىيناپ تويمىغىنىڭ ئەلەمدۇر
خىيالىڭدا تۈننى بىدار ئەيلىسەم
ۋەسلىڭ تىلەپ كۆككە نىدا ئەيلىسەم
ۋەسلىڭ تىلەپ كۆككە نىدا ئەيلىسەم
گۈلبېغىمنى ساڭا پىدا ئەيلىسەم ئەيلىسەم
ئۆزگە باققا بويلىغىنىڭ ئەلەمدۇر
گۈلبېغىمنى ساڭا پىدا ئەيلىسەم ئەيلىسەم
ئۆزگە باققا بويلىغىنىڭ ئەلەمدۇر
…مۇزىكا…
دەريا يىغلار بۇلۇت يىغلار ياشىمنى
ئەمدى تاشقا ئۇرايمۇ بۇ باشىمنى
دەريا يىغلار بۇلۇت يىغلار ياشىمنى
ئەمدى تاشقا ئۇرايمۇ بۇ باشىمنى
ياراتقاندىن تىلەيمەن بەرداشىمنى ئۆرگىلەي
ھالىمنى بىر سورىمىغىنىڭ ئەلەمدۇر
ياراتقاندىن تىلەيمەن بەرداشىمنى ئۆرگىلەي
ھالىمنى بىر سورىمىغىنىڭ ئەلەمدۇر
ماڭا مەخپىي كۆيگەنلەر ھەم بار ئىدى
ئىشقىم بىلەن ئەلەملەر تاتار ئىدى
ئىشقىم بىلەن ئەلەملەر تاتار ئىدى
لىكىن كۆڭلۈم سېنىلا تاتار ئىدى
مىنى يامان ئويلىغىنىڭ ئەلەمدۇر
لىكىن كۆڭلۈم سېنىلا تاتار ئىدى ئۆرگىلەي
مىنى يامان ئويلىغىنىڭ ئەلەمدۇر
…مۇزىكا…
باھارىمنى خازان بىلەن تىلىپسەن
كىرپىگىڭدە ئىچ باغرىمنى يېرىپسەن
باھارىمنى خازان بىلەن تىلىپسەن
كىرپىگىڭدە ئىچ باغرىمنى يېرىپسەن
مەھەللىدىن كىلىن بۇلۇپ كىتىپسەن
بىزگە كىلىن بولمىغىنىڭ ئەلەمدۇر
مەھەللىدىن كىلىن بۇلۇپ كىتىپسەن جانىمەي
بىزگە كىلىن بولمىغىنىڭ ئەلەمدۇر
بىزگە كىلىن بولمىغىنىڭ ئەلەمدۇر
(ناخشا تېكىستى تەھرىرى: ئالىمجان)